باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئۇن رەپىقىسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانىنىڭ ئۇچۇش تېخنىكىسى مۇسابىقىسىغا قاتناشتى

2016.12.05 13:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-دېكابىردىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتى 4-دېكابىر ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ رەپىقىسى لى سوئېلجۇ بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانىنىڭ ئۇچۇش تېخنىكىسى مۇسابىقىسىغا قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ كىم جۇڭئۇننىڭ 4–نويابىر چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ 525-قىسمىغا قاراشلىق ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن يېقىنقى بىر ئايدا توققۇزىنچى قېتىم قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

  «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى كىم جۇڭئۇننىڭ رەپىقىسى لى سوئېلجۇ ھەمراھ بولۇپ ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، بۇ لى سوئېلجۇنىڭ ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاشكارا سورۇندا كۆرۈنۈشى.

  ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىرىنىڭ ئۇچۇش تېخىكىسى مۇسابىقىسى كىم جۇڭئۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، 2014-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئۈچىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلىشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر