باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %5تىن تۆۋەن ئىكەن

2016.12.06 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن 31- نۆۋەتلىك خەلقئارا پىدائىيلار كۈنى، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزى، «ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى» ئۈستىگە ئالغان «پىدائىيلار مۇلازىمەت قىلىش روھىنى تەشۋىق قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇنبىرى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  ئېلىمىز قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ رۇڭبىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %5تىن تۆۋەن، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە %30كە يېتىدۇ.

  چەت ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋىي جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن، جىددىي قۇتقۇزۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن ئاممىنىڭ سانى يەنىلا كۆپ ئەمەس. بېيجىڭنى مىسال ئالساق، بېيجىڭ شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى تەخمىنەن 150 : 1، يەنى 150 شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدا پەقەت بىر ئادەم دەسلەپكى جىددىي قۇتقۇزۇش كىنىشكىسىگە ئىگە ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ مەقسىتى قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن. 2011- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ «11- بەش يىللىق يىرىك پىلان»ى تۈرىدە 275 قېتىم ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تەربىيەلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 8042 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر