باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون مېيىپلارنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك قاتناشتۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.12.05 13:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 3-دېكابىر خەلقئارا مېيىپلار كۈنىدە سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، مېيىپلارنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك قاتناشتۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون سۆزىدە مېيىپلانى چەتكە قېقىش دائىملىشىپ قالغان كونا قائىدە ۋە كەمسىتىش پوزتىسىيىسىنى تۈگۈتىپ، ھەممەيلەننىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان سىغدۇرۇشچان ۋە پايدىلىق مۇھىت بەرپا قىلىپ، مېيىپلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مۇساپىسىغا قاتناشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە يەرشارىدا بىر مىليارت مېيىپ كىشى بار بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا ئۇچرايدىكەن، ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش مائارىپ، كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەمدە باشقا تۈپ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالمايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر