باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.12.05 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ «‹تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى› ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش: ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىش» ئاساسىي تېمىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى، بۇ، خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق ھەمكارلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  تەرەققىيات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. ب د ت «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى » دا، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ بىر تۈرلۈك مەھرۇم قېلىشقا بولمايدىغان ئىنسانىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىيات جۇڭگونىڭ بارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپىنى دۆلەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق قارىشىدا چىڭ تۇردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈنۈملۈك تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقى بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىدۇ.

  ھازىر جۇڭگو خەلقى «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ تولۇق كاپالەتلەندۈرىلىدۇ، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  30 يىل ئىلگىرى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ب د ت «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ب د ت 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇميۈزلۈك، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ ئېچىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىزى مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىشىنى تەبرىكلەيمەن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ

  «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» 4-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا ب د ت 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇميۈزلۈك، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ ئېچىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر