خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش ۋەن لى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ھازىر خەلقنى يېتەكلەپ «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملاشتۇرماقتا، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغۋار كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ، گۈزەل غايىسى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشماقتا. بىز ئەجدادلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، دەۋر، خەلققە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن 95 يىللىق شانلىق مۇساپە جەريانىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇنەۋۋەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بارلىققا كەلدى، يولداش ۋەن لى ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. ئۇنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، ھەقىقەتكە، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلگەن، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى