باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش باشلاندى

2016.12.05 13:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى 4-دېكابىر سائەت ئالتىدە باشلىنىپ، سائەت 20دە ئاياغلاشتى. ئەركىن دېموكىراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ مىرزىيوفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نامزات رىقابەتكە قاتناشتى.

  ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالىموف يېقىندا: 4-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن.

  ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭى كەرىموف 2-سېنتەبىر مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى بىرلەشمە كېڭىشى 8-سېنتەبىر ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى مىرزىيوفنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشىنى قارار قىلغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر