باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جونكېر ئائىلە سەۋەبىدىن ئىستىپاھ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2016.12.06 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جونكېر شۇ يەر ۋاقتى 5-دېكابىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۇيۇقسىز مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئائىلەم سەۋەبىدىن مەن زۇڭلىلىق ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە يېڭى زېللاندىيە دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستپاھ بېرىمەن. جونكېر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: زۇڭلى بولغان سەككىز يىلدا، دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بولغان ئون يىلدا مەن بۇ ۋەزىپەم ۋە دۆلەت ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتىدىم، ئائىلەممۇ بۇنىڭ ئۈچۈن زور قۇربانلارنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە سىياسىي ھاياتىمغا بولغان تەسىراتىم چوڭقۇر بولسىمۇ، لېكىن ئۆزەمنى كەسپىي سىياسىيون دەپ قارىمايمەن. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرىچە، ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتى ئاز بولۇش ئۇنى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىش قارارىغا كەلتۈرگەنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر