- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۇدا قاتناش ۋاقتى نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھىدروگېن باتارېيە يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل دۇنياغا كەلدى
2016.12.06 15:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا نىكولاي ئاپتوموبىل شىركىتى يېقىندا يېڭى مەھسۇلاتى بولغان «نىكولاي بىرىنچى» تىپلىق ھىدروگېن باتارېيە يېقىلغۇلۇق، يېرىم پىرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئەۋرىشكە ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇدا قاتناش مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
نىكولاي ئاپتوموبىل شىركىتى بىر ئاككۇمۇلياتورلۇق ئاپتوموبىل، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى ۋە ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەت ئۇزارتىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى لايىھەلەش ۋە ياساشنى دەسلەپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن شىركەت ئىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خىل يۈك ئاپتوموبىلى ھىدروگېن باتارېيە يېقىلغۇ گۇرۇپپىسى ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئۇدا قاتناش مۇساپىسى 800دىن 1200 مىلغا ( تەخمىنەن 1287- 1932 كىلومېتىر) يېتىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر