باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى

2016.12.06 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئىلغار يەككە تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ، ئوتتۇرھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىدا، مىليونلىغان ھاياتى كۈچكە تولغان بازار سۇبيېكتى تىرىكىگە موھتاج. خۇسۇسىي كارخانىچىلارنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ مول ئادەم كۈچى بايلىقى ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئالاقە تورى+» قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، ئامما ئېھتىياجلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كارخانا روھى ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەم دادىل، قەيسەرلىك بىلەن ئىزدىنىش، ھەم مۇكەممەللىك ۋە خاسلىققا ئىنتىلىپ، «خاس ۋە سەرخىل» مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىدىكى بىر تۈركۈم تايانچ كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. قانۇنغا رىئايە قىلىپ سەمىمىي تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، قاقتى-سوقتى قىلىش، ئالداپ ئېلىپ قېچىش ۋە ساختا-ناچار مەھسۇلاتلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، سۈپەت ۋە ئىناۋەت ئارقىلىق داڭلىق ماركا تىكلەپ بازارنى ئىگىلەش كېرەك. بولۇپمۇ «يەككە» ۋە «ھەمكارلىشىش» نى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم يەككە تىجارەتنىڭ جانلىقلىقى ۋە كەسىپ ئىش تەقسىماتى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تېخىمۇ زور ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر