باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى يەنە ئۆرلەشكە باشلىدى

2016.12.06 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل يازدا ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى قوي گۆشى بازارلىرى كاساتلىشىشقا باشلىدى. 8-ئايدىن باشلاپ شىمالدىكى رايونلاردا قوي گۆشى باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەشكە باشلىدى، شىنجاڭ رايونىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، بۇ جايدا قوي گۆشى باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى 30 يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۇزۇپ، كۆپچىلىكنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى.

  لى ۋېي ئۈرۈمچىدە مەخسۇس قوي گۆشى سودىسى قىلىدىغان سودىگەر، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە شىنجاڭدا قويلار تاغلىق رايوندىكى قوتانلاردىن ئېلىپ چىقىلىپ سېتىلىدىغان بولغاچقا بازاردا تەمىنات ئېھتىياجدىن ئېشىپ، باھا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەمما بۇ يىل شىنجاڭدا قوي گۆشى باھاسى توساتتىن ھەر بىر كىلوسىنىڭ 30 يۈەندىن چۈشۈپ كەتتى، بۇنداق بولارىنى ھىچكىم ئويلىمىغان ئىدى، زادى سەۋەب نەدە دېگەندە ئەڭ ئاساسلىقى بۇ يىل شىنجاڭدا گۆش قويىنىڭ قوتاندىن چىقىش سانى ئاشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى يىللاردا ئىمپورت قويلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر شىنجاڭ بازارلىرىنى كۆپلەپ قوي گۆشى بىلەن تەمىنلىگەچكە يازدا شىنجاڭدا گۆش قويىنىڭ باھاسى زادى ئۆرلىمىدى.

  ئەسلى شىنجاڭدا قوي گۆشى باھاسى ئەمدى ئۆرلىمەيدۇ دەپ قارالغان ئىدى، ئەمما يېقىندا مۇخبىر شىنجاڭدىكى قوي، كالا گۆشى بازارلىرىنى ئارىىلاپ شۇنى بايقۇدىكى 11-ئايدىن كېيىن شىنجاڭدا قوي گۆشى باھاسى ئاستا ئاستا ئۆرلەشكەن باشلىغان، ھازىر شىنجاڭدا قوي گۆشى باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىسى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن، ئۈرۈمچى بېييۈەنچۈن بازىرىنىڭ تەھلىلچىسى جاڭ جېنچياڭ مۆلچەرلەپ: چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قوي گۆشى باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر