باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەنگە قارتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويدى

2016.12.06 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ۋاقتى بىلەن 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، چاۋشيەننىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە چاۋشيەننىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە چاۋشيەنگە قارتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە: چاۋشيەن 2006- يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2016- يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، جەمئىي 5 قېتىم يادرو سىنىقى ئىلىپ بارغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئون يىل ئىچىدە، ئورنى چاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا بولغان.

  ھازىرقى زامان ئاكادېمىيەسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى چىن شاڭياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان يېڭى جازالاش قارارىدا تۆۋەندىكىدەك سىگناللار بېرىلدى. 1- خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى جازالاش قارارىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلاشقانلىقىدەك سىگنال بېرىلدى. 2-: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا چاۋشيەننىڭ ياردو سىنىقىنىڭ بىر خىل قانۇنسىز ھەرىكەت بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلدى. 3-: ئىقتىسادى جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىش مەبلىغىنى قىسىش ئۈمىد قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر