- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رېنزى ئىستىپاھ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
2016.12.06 14:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىتالىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى 5-دېكابىر سەھەردە ئېلان قىلىندى، قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەنلەر قارشى ئاۋاز بەرگەنلەردىن 20 پوئىنتقا يېقىن تۆۋەن بولدى، زۇڭلى رېنزى ئارقىدىن ئىستىپاھ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. رېنزى 5-دېكابىر سەھەردە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ، مەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بېرىپ ئىستىپاھ بېرىمەن. ئىتالىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشى شۇ يەر ۋاقتى 4-دېكابىر سائەت يەتتىدە باشلىنىپ، شۇ كۈنى سائەت 23 دە بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى. ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، چەتئەللەردە ئولتۇراقلاشقان بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلارنى قوشقاندا، بېلەت تاشلاش نىسبىتى 65 پىرسەنتكە يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر