- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كورېيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئۈچ چوڭ پارتىيە زۇڭتۇڭنى جازالاش لايىھەسىنى چىقاردى
2016.12.06 14:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورېيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئۈچ چوڭ پارتىيە بولغان ئورتاق دېموكراتىك پارتىيەسى، خەلق پارتىيەسى ۋە ھەققانىيەت پارتىيەسى 2-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3-دېكابىر سەھەردە پارلامېنتتا زۇڭتۇڭ پاك گۇڭھىنى جازالاش قارار لايىھەسى چىقىرىلدى ھەمدە 9-دېكابىر پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش تەرتىپىنى باشلاشنى پىلانلىدۇق.
پاك گۇڭھى 29-نويابىر 3-قېتىم خەلققە سۆز قىلىپ، تۇنجى قېتىم «شەرت قويۇش ئاساسىدا» پوزىتسىيە بىلدۈردى، بۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بىلەن ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا زور ئىختىلاپ پەيدا قىلدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىرغا قەدەر، كورېيە پارلامېنتىدا يېڭى دۆلەت پارتىيەسىدە ئاز دېگەندە 28 پارلامېنت ئەزاسى قوشۇلسا جازالاش لايىھەسى ئاندىن پارلامېنتتا ماقۇللىنىدۇ. 1500 دىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى تەشكىلاتى پاك گۇڭھىنىڭ 3-قېتىملىق خەلققە قىلغان سۆزىدىن نارازى بولغانلىقتىن 3-دېكابىر سېئۇل شەھەر مەركىزىدە داۋاملىق 6-قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پاك گۇڭھىدىن دەرھال تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر