باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان جۇڭگو ۋە روسىيە بىلەن پۇل سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلاشماقتا

2016.12.06 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 4-دېكابىر، قىممىتى ئىزچىل چۈشۈۋاتقان تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە رۇسىيە، جۇڭگو ۋە ئىران بىلەن ئۆز پۇلىدا سودا ئالاقىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، دېدى.

  ئەردوغان چۈشەندۈرۈپ: «ئەگەر بىز رۇسىيە، جوڭگو ۋە ئىراندىن تاۋار سېتىۋالساق، بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنى ئىشلىتىمىز؛ ئەگەر بۇ دۆلەتلەر تۈركىيەدىن تاۋار سېتىۋالسا، ئۇلار بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئىشلىتىدۇ»، دېدى.

  تۈركىيە زۇڭلىسى بىنال ئىلدىرىم 6-دېكابىر رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. ئەردوغان ئىلدىرىم رۇسىيەدە زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئۆز پۇلى بىلەن ئىككى تەرەپ سودىسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ، دېدى.

  بۇ يىل 7-ئايدا، تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كەتتى. پەقەت 11-ئايدىلا، لىرانىڭ پېرىۋوت نىسبىتى % 10 تىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى. 2-دېكابىر، لىرانىڭ پېرىۋوت نىسبىتى بىر مەھەل تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا تۆۋەنلەپ، 3.58 لىرانىڭ قىممىتى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر