- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روھانىي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىراننى جازالاش قانۇن لاھىيىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقانلىقىنى تەنقىدلىدى
2016.12.06 14:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي 4-دېكابىر ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئىراننى جازالاش قانۇن لاھىيىسىنىڭ ۋاقتىنى» ئۇزارتقانلىقىنى تەنقىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ روھىغا روشەن خىلاپ. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، روھانىي شۇ كۈنى پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا: «ئىراننى جازالاش قانۇن لاھىيىسى»نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئوچۇق ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇ قانۇن لاھىيىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قوللىماسلىقى، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسىشى كېرەك. روھانىي مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىران ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىمزالىغۇچى ھەر قانداق تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ ھەمدە بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر