باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قانۇنسىز نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى رەتكە سېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.12.06 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- دېكابىر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى توردىكى نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى تازىلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى ۋە ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تور بېكەت، ئىزدەش ماتورى, يان تېلېفون ئەپ يۇمشاق دېتال دۇكىنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى, ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى قاتارلىق بوشلۇقلاردا نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى توردا ئېلان قىلىش، ئىزدەش, تارقىتىش, سېتىش يوللىرىنى قەتئىي توسۇپ, قانۇنسىز نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى «چىقىرالماسلىق، كۆرگىلى بولماسلىق, تاپالماسلىق، چۈشۈرگىلى بولماسلىق»نى تەلەپ قىلدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىزدەش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ توردىكى نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىغا بولغان ئىزدەش چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەنگەن ئىزدەش نەتىجىسىنى ئۆچۈرۈش، نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىزدەش موتورلىرى ئارقىلىق توردا تارقىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. يانفون ئەپ يۇمشاق دېتال دۇكىنى مۇلازىمىتى كارخانىلىرى يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا چىقىرىشقا بولغان تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى قاتتىق چەكلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە, يۇمشاق ماتېرىياللارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتاللىرى بايقالغان ھامان دەرھال ئەپ دۇكانلىرىدىن ئۆچۈرۈپ، بۇ ئەپ يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئۇنىڭ ياسىغۇچىلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر