باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ كۆمۈركېنىدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور گاز پارتلاش ۋەقەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ۋەزىپىسىدىن توختىتىلدى

2016.12.06 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-دېكابىر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چىفېڭ شەھىرىدىكى نەچچە تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، چىفېڭ شەھىرى «3-دېكابىر» پەۋقۇلئاددە زور گاز پارتلاش ۋەقەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ئاللىقاچان خىزمەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، ۋەقە يۈز بەرگەن كۆمۈر كاندىكى نەچچە مەسئۇلنىمۇ ساقچىلار كونترول قىلغان، ھادىسە تۆلىمى خىزمىتى باشلانغان.

  3-دېكابىر سائەت 11:30 ئەتراپىدا، چىفېڭ باۋما كانچىلىق چەكلىك شىركىتى كۆمۈركېنىدا پەۋقۇللاددە زور گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، ۋەقە يۈز بەرگەندە، قۇدۇق ئاستىدا 181 كىشى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شىركەتنىڭ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى، 4-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تاماملاندى، جەمئىي 149 كىشى يەر يۈزىگە بىخەتەر چىقىۋالدى، 23 كىشى قازا قىلدى، يارىلانغان خادىملار قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھەممىسى خەتەردىن قۇتۇلدى. نۆۋەتتە، ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرى كونترول قىلىندى.

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر