باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېن-شياڭگاڭ يولى ئېچىلدى

جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشى يېڭى ئابىدىنى كۈتۈۋالدى

2016.12.06 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- دېكابىر سائەت 9:30 ئۆتكەندە، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسى ۋە شياڭگاڭ بېرژىسىدا بىرلا ۋاقىتتا بازار ئېچىلغانلىق قوڭغۇرىقى ۋە جاڭلىرى چېلىنىپ، شېنجېن-شياڭگاڭ يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىچكىرى بىلەن شياڭگاڭنىڭ پاي چېكى بازىرىدا بىۋاستە مەبلەغ سېلىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ، شاڭخەي-شېنجېن-شياڭگاڭ «ئورتاق بازار» رەسمىي شەكىللەندى، بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم ئېلىندى.

  جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ شىيۇ شۇ كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شېنجېن-شياڭگاڭ يولىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى جاي كاپىتال بازارلىرىنىڭ يەنىمۇ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك پەيت بولۇپ، شېنجېن-شياڭگاڭ يولىنى ئېچىش مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىغا ئاكتىپ كۈچ ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر