باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ خەلق سارىيىدا ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خەلىفە بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.12.06 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خەلىفە بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالجىرىيە پارلامېنتى ھەر قايسى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەلىفە مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئالجىرىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشىنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر