باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە جۇڭيى دورىگەرلىكى تەرەققىياتى ھەققىدە يېزىلغان «جۇڭگونىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

2016.12.07 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 6- كۈنى, گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ جۇڭگو دورىگەرلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، بۇ ھەم ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە, مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭيى دورىلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، جۇڭگونىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى دۆلەت سىياسىتى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى، جۇڭيى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭيى دورىلىرى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىمىز جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمىي بايان ئېلىپ بېرىلغان. بۇ كىتابنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 9000 خەت بولۇپ، كىرىش سۆز، ئاساسىي تېكىست, خاتىمە قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، روسچە، گېرمانچە، ئىسپانچە، ياپونچە، ئەرەبچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقتا ئېلان قىلىندى، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە نەشىرىنى خەلق نەشرىياتى ۋە چەتئەل يېزىقى نەشرىياتى نەشر قىلدى.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ساغلام جۇڭگو» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «كېسەل بولۇشتىن ئاۋال داۋالىنىش»، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭيى دورىگەرلىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىش جەھەتتە، جۇڭيى دورىلىرىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر