باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سەككىز مىنىستىرلىق، كومىتېت دەم ئالدۇرۇپ تەڭشەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھالسىرىغان تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇردى

2016.12.07 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەتتە تارماق بىلەن بىرلىشىپ «تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، دەريا، كۆللەرنى دەم ئالدۇرۇپ تەڭشەش پىلانى» نى ئېلان قىلىپ، ئېچىش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىلان» دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئارقىلىق، يەرنىڭ قەستەن بۇزۇلۇشىنى ئازايتىش ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، دەريا، كۆللەرنىڭ تەبىئىي ئايلىنىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى. ھازىرقى ئوخشىمىغان بايلىقنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشىمىغان رايونلاردىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەش نەزەردە تۇتۇلدى، «پىلان» دا نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق مەسىلىلەر ۋە نۇقتىلىق ھالقىلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، تۈر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش يوللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ھازىرقى باسقۇچتا، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيەسى يەنىلا ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ تەڭشەشتە «ئاسراش»، «چېكىندۈرۈش»، «دەم ئالدۇرۇش»، «نۆۋەتلەشتۈرۈش»، «تىزگىنلەش» نى ئاساسىي تەدبىر قىلىش، ھەم تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسراش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇرۇش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئارقىلىق، «ئاشلىقنى يەر ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئوتلاق ئېكولوگىيە قەرزى كۆپرەك بولۇپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسراپ دەم ئالدۇرۇشتا «چەكلەش»، «دەم ئالدۇرۇش»، «نۆۋەتلەشتۈرۈش»، «تېرىش» نى ئاساسىي تەدبىر قىلىش، يەنى ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، چارۋا بېقىشنى توختىتىش، رايون بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئوت-چۆپ تېرىش ئارقىلىق، ئوتلاق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتلاق ۋە چارۋىچىلىقنى تەكشى راۋاجلاندۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ سۇ بايلىقى نىسبەتەن قىس، دەريا، كۆللەرنى ئېچىش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن بولۇپ، ئاسراش ۋە دەم ئالدۇرۇشتا «تىزگىنلەش»، «قوغداش»، «قايتۇرۇش»، «ئازايتىش»، «ئاسراش» نى ئاساسىي تەدبىر قىلىش، يەنى نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەگە مۇۋاپىق بوشلۇق قايتۇرۇش، يەر ئاستى سۈيىنى نورمىدىن ئارتۇق قېزىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، سۇ جانىۋارلىرى بايلىقىنى قوغداش ئارقىلىق، دەريا، كۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر