باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ

2016.12.07 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6- دېكابىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «ئىجرا قىلىش خىزمىتىدىكى ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان، ئۇنىڭدا دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ شەخسىي مال-مۈلكى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مال-مۈلكىنى قاتتىق ئايرىپ، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىگە چېقىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەقدارنىڭ دەۋادا ئۇتۇش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەڭ زور چەكتە ئىشقا ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجرا قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىپ، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى، دېلوغا مۇناسىۋەتسىز كىشى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلماسلىق كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇن بويىچە توغرا پەرقلەندۈرۈپ، دېلوغا مۇناسىۋەتسىز كىشى قاتارلىق ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق مۈلكىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال-مۈلكى قىلىپ بېكىتىلگەنلىرىگە ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقتىدا ئىجرا قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنسىز تاپاۋەت بىلەن قانۇنلۇق مال-مۈلكىنىڭ چېگراسىنى قانۇن بويىچە قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىرىنى تۆلىتىشكە ھۆكۈم قىلىشقا ياكى تۆلەشكە بۇيرۇماسلىق كېرەك. مال-مۈلۈك جازاسى دېلوسىنى ئىجرا قىلغاندا، شەخسىي مال-مۈلۈك بىلەن كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ مال-مۈلكىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، پايچىك، كارخانا تىجارەت باشقۇرغۇچى قاتارلىق تەبىئىي شەخسلەرنىڭ جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ مال-مۈلكىگە خالىغانچە چېقىلماسلىق، كارخانا جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، پايچىك، كارخانا تىجارەت باشقۇرغۇچىنىڭ شەخسىي قانۇنلۇق مال-مۈلكىگە خالىغانچە چېقىلماسلىق كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر