- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تۈركىيە سىستېما توپلاشتۇرۇش شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى
2016.12.07 14:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ سىستېما توپلاشتۇرۇش شىركىتى NETAS 6- دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ %48.04 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. سودا پۈتكەندىن كېيىن، جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى NETAS شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولۇپ قالىدۇ.
NETAS باياناتتا، بۇ سودىنىڭ NETASقا پەن-تېخنىكا جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىپ، خېرىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خېرىدارلار توپىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قۇشۇمچە لىدىرى جاۋ شيەنمىڭ، NETASنىڭ كۈچلۈك تۈر تاپشۇرۇش ئىقتىدارى جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى خېرىدارلىرى ۋە بۇ رايوندىكى ئاساسلىق بازارلارغا بولغان مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر