- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگودىن سىرى لانكىغا بارىدىغان ساياھەت بازىرى داۋاملىق جانلانماقتا
2016.12.08 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىرى لانكا ساياھەت تەرەققىيات ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا جۇڭگودىن سىرى لانكىغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 185 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.5 ئاشقان. جۇڭگو سىرى لانكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ساياھەت دۆلىتىلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان.
سىرى لانكا ساياھەت تەرەققىيات ئىدارىسى 6-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا سىرى لانكا چېگرا سىرتىدىن كەلگەن 167 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، سىرى لانكىغا بېرىپ ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 14.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى تەخمىنەن 252 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 26.8 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر