باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

2016.12.07 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر 350 نەپەر ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەمىنلىگەن 26 مىڭ 500 يۈەن قىممىتىدىكى قىشلىق ماددىي ئەشيا ياردىمىنى تارقىتىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە «مىنەتدارلىق تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئاممىنى توغرا يول بىلەن بېيىپ، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر