باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەت بويىچە ئىلغار يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.12.07 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە ئىلغار يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە چۈشتى. لى كېچياڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ، ئىلغار ئورۇنلارنى تەبرىكلىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، جۇڭگو يەككە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەرگە رەھمەت ئېيتىشىمدىكى سەۋەب سىلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەككە سودا سانائەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى، پۈتۈن مەملىكەتتە 300 مىليون يەككە سودا سانائەتچى بار، مانا بۇ 300 مىليون كىشى دۆلىتىمىزدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنىڭ يېرىمىنى ياراتتى. بىز تېخىمۇ كۆپ يەككە سودا سانائەتچىلەرنىڭ جۇڭگو تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە موھتاج؛ چۈنكى بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىمىزدا يەككە سودا سانائەتچىلەر تەڭداشسىز كۈچ. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەككە سودا سانائەتچىلەر كارخانىچىلار روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈزۈلمەس مەنبە بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بارلىق يەككە سودا سانائەتچىلەرنىڭ ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىغا پائال ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ بارلىق يەككە سودا سانائەتچىلەرنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى، ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، باشقا مۈلۈكچىلىك تۈزۈمدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر