خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 7- كۈنى, پاكىستاننىڭ خاۋېلىياندا، بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەگە ئۇچرىغان نەق مەيدان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. پاكىستان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 7- چېسلا چۈشتىن كېيىن پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى خاۋېلىيان رايونىدا چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندا ئەسلىدە 47 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ كىشى چەت ئەللىك ئىكەن. نۆۋەتتە، پاكىستان خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى توپلىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى