خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- دېكابىر «خەلق» سارىيىدا گابون زۇڭتۇڭى بونگو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-گابون مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى تۇتقا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپىسلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يول ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىشقا كۈچ چىقىرىپ، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو چىن، سەمىمىي سىياسەتسىز ئىدىيە ۋە توغرا بولغان ھەققانىيەت، مەنپەئەت قارىشى بويىچە، ئافرىقىدىكى دوستانە دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئافرىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق يېڭىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى