- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى چېگرىدا سالاھىيەت بىخەتەرلىكىنى مەجبۇرى تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ
2016.12.07 16:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 5-دېكابىر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كونسىرى جىددىي بولۇۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشدىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە، چېگرىدىن كىرگەن ۋە چىققان بارلىق كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى مەجبۇر خاراكتېرلىك سىستېما بىلەن تەكشۈرىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ئاخباراتىدا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى، ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سىنگىن رايونى چېگراسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرىدىن چىققان ۋە كىرگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى مەجبۇرى خاراكتېرلىك سىستېما بىلەن تەكشۈرۈشكە يول قويدى. بۇ قارار يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش تەرتىپى بويىچە تەستىقلانغاندىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ئەزا دۆلەتلەر كونكرېت ئىجرا قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر