باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە كۆچمەس مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى

2016.12.08 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى كومىتېتى يېقىندا «بېيجىڭ شەھەرلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمەت قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى) »نى ئېلان قىلدى، بۇ قائىدە 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆچمەس مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش (ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلىش)نى تىزىملاتقاندا، ئەمدى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە بويىچە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلغۇچى كۆچمەس مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغان ياكى ھەدىيەنى قوبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ياكى ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ۋە تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ۋارىسلىق قىلغۇچى بىلەن مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەلەپ قىلمىغانلىق مۇناسىپ تەكشۈرۈش قىلماسلىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى كومىتېتى ئالاقىدار يانداش ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا ئاساسەن كۆچمەس مۈلۈكنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قىلدۇرماي ۋارىسلىق قىلىش (ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلىش)تا تىزىملىتىش سىياسىتى، بېجىرىش تەرتىپى، كېرەكلىك ئىلتىماس ماتېرىيالى قاتارلىقلار بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر