باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» تارقاتتى

2016.12.08 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش-ئېچىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە مەركەزلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (ئىككىنچى) ئاساسىي نىشان. ياردەم بەرگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى بىلەن، شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونلىرىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى 2020- يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر