باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.12.07 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس 5-دېكابىر پارىژنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا فىرانسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە 6-دېكابىر زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1-دېكابىر، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىگە ئەزا بولغان فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ۋاللىسنىڭ سايلامغا قاتنىشىشنىڭ مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بېكىتكەن تەرتىپكە ئاساسەن، ۋاللىس يەنە ئالدى بىلەن كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوتسىيالىستلار پارتىيەسى باشىچلىقىدىكى فىرانسىيە سولچىللار لاگېرىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىغا قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ دەسلەپكى سايلامدا غەلىبە قىلسا، ئاندىن سول قانات لاگېرغا ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر