باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى جۇڭنەنخەيدە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى

2016.12.07 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى جۇڭنەنخەيدە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى : ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق خەرىتىسىنى ياخشى پىلانلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  زەرىف مۇنداق دېدى: ئىران ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر