باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنىدە، شىنجاڭدىكى 10 ياخشى قاتناش ساقچىسى، 10 ياردەمچى ساقچى ۋە 10 ياخشى شوپۇر تەقدىرلەندى

2016.12.07 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- دېكابىر 5- نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى». شۇ كۈنى «جەمئىيەتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش، بىخەتەر ۋە مەدەنىي يول يۈرۈش» باش تېما قىلىنغان شىنجاڭنىڭ «2- دېكابىر مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا 10 نەپەر «شىنجاڭلىق ياخشى قاتناش ساقچىسى»، 10 نەپەر «شىنجاڭلىق ياخشى ياردەمچى ساقچى» ۋە 10 نەپەر «شىنجاڭلىق ياخشى شوپۇر» ئېلان قىلىندى ھەمدە تەقدىرلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 16 يىل بولغان، 760 مىڭ كىلومېتىر بىخەتەر يول يۈرگەن ياخشى شوپۇر لۇ زېڭگاڭ، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، يېرىم چاتما پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىل سوقۇۋېتىپ، بەختكە قارشى ۋاپات بولغان ياخشى ياردەمچى ساقچى سەي چېڭكې، يەنە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆڭلىگە پۈككەن ياخشى قاتناش ساقچىسى جۇ گويۈ قاتارلىقلار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر