باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى - كورلا - چەرچەن بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

2016.12.07 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 19- دېكابىردىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - كورلا - چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن، مەزكۇر لىنىيە قاشتېشى شەھىرى چەرچەن ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى پۇقرالار قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى- كورلا-چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ نومۇرى CZ6677/8 بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ بىرى، ئۈچى، بەشى، شەنبە، يەكشەنبىسى بولۇپ ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم قاتنايدىكەن، E190 تىپلىق ئايروپىلان بېرىش - كېلىشتە 200 گە يېقىن ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. CZ6677 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 15دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، كورلا ئايرودۇرۇمىدا 50 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، سائەت 16دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە ئۇچىدۇ، سائەت 17دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە چەرچەنگە يېتىپ بارىدۇ. قايتىش سەپىرىدە CZ6678 تىپلىق ئايروپىلان سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە چەرچەندىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، كورلا ئايرودۇرۇمىدا 50 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، سائەت 20دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە ئۇچىدۇ، سائەت 20دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر