باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19 مىڭ گاس بالىلار ھەقسىز سۈنئىي قۇلاققا ئېرىشتى

2016.12.08 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەتلىرى قۇلاق ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى 7- دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جيا يۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پەقەت 2012- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز نامرات مېيىپلەرنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرىنى باشلاپ، 19 مىڭ گاس بالىلارغا ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق سېلىپ، 18 مىڭ گاس بالا، 60 مىڭ چوڭلارنى ھەقسىز ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئاپپاراتى بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ تۈر تولۇق تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر