- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوباما بىلەن ئابې شىنزو ھاۋايدا ئۇچرىشىدۇ
2016.12.07 16:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئاق سارىيى 5-دېكابىر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى ھاۋايدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاق ساراينىڭ بىر قىسقا باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما ئابې شىنزو بىلەن 27-دېكابىر ھاۋايدا ئۇچرىشىدۇ، ئىككىيلەن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆتكەن تۆت يىلدىكى بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە يەر شارى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما بىلەن ئابې شىنزو بىرلىكتە پېئارىل خاربور پورتىدا زىيارەتتە بولۇپ، بۇندىن 75 يىل ئىلگىرى ياپونىيە ئارمىيەسى پېئارىل خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلغاندا قازا قىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر