باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىنچلىقنى قوغدىغۇچى 41 خادىمنىڭ پۇقرالارغا جىنسى دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش بىلەن چېتىلىشقى بار

2016.12.07 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك 5-دېكابىر مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پۇقراسىنىڭ جىنسى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشتىن، گابون بىلەن برۇندىدىن كەلگەن تىنچلىقنى ساقلىغۇچى خادىمنىڭ بۇ دېلو بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى بايقىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىش ئىشخانىسى 2014- يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ جىنسى جەھەتتىن دەخلى تەرۇزگە ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدىكى شىكايىتىنى تەكشۈرۈپ بولدى. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، 139 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زىيارەتنى قوبۇل قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 25 كىشى قۇرامىغا يەتمىگەن. دىيارىك مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار دوكلات گۇبون بىلەن برۇندىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىنى ھەمدە گۇماندارلارنى تىزدىن تەكشۈرۈشىنى، ئۇندىن كىيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر