خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى ئاقتوقاي كەنت يەسلىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ياردەم بېرىشكە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسىدىكىلەر ئۇيۇشتۇرغان «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش- ئىئانە قىلىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى.ئاقتوقاي يېزىسى ئاقتوقاي كەنت قوش تىل يەسلىسىگە ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ياردەمگە چۈشكەن ئوقۇتقۇچى ھەجەرگۈل سېيىت بىلەن نۇرسەۋلە قاسىمقان بۇ يەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ تولىمۇ يېلىڭ ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىرىنىڭ ھەتتا بىرەر قۇر تۈزۈكرەك قىشلىق كىيىمىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال نازارەتكە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە «كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىتايلى» مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى دوستلارنى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قوشۇنىغا قوشۇلۇش، دوستلۇق قولىنى سۇنۇشقا چاقىرىق قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى جىڭتەي تيەنيى سودا چەكلىك شىركىتى، جىفاڭ كۈنچىڭ تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىيەن تاتۇقنى داۋالاش مەركىزى قاتارلىق ئۈچ ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى ئاقتوقاي كەنت بالىلار يەسلىسىدىكى بالىلارغا ئىئانە قىلغان 267 مىڭ 479 يۈەن قىممىتىدىكى «بالا» ماركىلىق 226 يۈرۈش مامۇق كىيىم-كېچەك، 226 جۈپ قىشلىق ساياھەت ئايىغى، 160 قۇتا تارتۇقنى داۋالاش دورىسى، نازارەت سىستېمىسىدىكى ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆز قولى بىلەن توقۇغان 10 دانە پوپايكا ۋە ئويۇنچۇقلار بالىلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى