باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4000 نەپىقە بېرىش ئوبيېكتىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى

2016.12.08 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نەپىقە بېرىش - ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مېيىپ ھەربىيلەر (مېيىپ خەلق ساقچىلىرى، دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ مېيىپلىك نەپىقە پۇلى ئۆلچىمى ھەم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن يېزىلاردىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم شىمالىي يۆنىلىش قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئايرىلىپ قالغان ئەسكەرلىرى قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا ئايرىم-ئايرىم ئۆستۈرۈلۈپ، تەخمىنەن 4000 دىن ئارتۇق كىشى نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  2016- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان يېزىلاردىكى ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 2015- يىللىق ياردەم پۇلى ئاساسىدا، ھەر بىر ئادەمگە ھەر يىلى 1200 يۈەن (ھەر بىر ئادەم ئېيىغا 100 يۈەن) قوشۇلىدىكەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا 16 مىڭ 800 يۈەن (ھەر بىر ئادەم ئېيىغا 1400 يۈەن) قوشۇلىدىكەن.

  ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىن كېيىنكى ھەربىي سەپتىن قايتقان يېزىلاردىكى ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 2015- يىللىق ياردەم پۇلى ئاساسىدا، ھەر بىر ئادەمگە ھەر يىلى 1200 يۈەن قوشۇلىدىكەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان يېزىلاردىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بەھرىمەن بولىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا 12 مىڭ 420 يۈەن بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر