باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تۈنۈگۈنكى ۋەيرانە مەھەللىنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل قىياپىتى(1)

2016.12.09 16:26   مەنبە: خەلق تورى

تۈنۈگۈنكى ۋەيرانە مەھەللىنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل قىياپىتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) قاراقاش ناھىيە قاراقاش بازىرى كونىشەھەر ئاھالە كومىتېتىدىكى كونىشەھەر مەھەللىسى تېخى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يوللىرى ئېگىز-پەس،توپىلىق ،دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى كونا،خەتەرلىك ،ھەممە يەرلەردە ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن،يۇندىلار قەدەمدە بىر كۆزگە چىلىدىغان، كۆپىنچە ئائىلىلەرنىڭ ھاجەتخانىسى بولمىغاچقا ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تەرەت قىلىدىغان ۋەيرانە رايون ئىدى. 2013- يىلى ئەتىيازدا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلاش قارارىنى چىقاردى. ناھىيەدە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.مۇناسىۋەت تارماقلاردىن قابىل كادىرلار مەھەللىگە كەلدى. «ئىلمىي پىلانلاش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش»تىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، دېھقانلارغا يولنى كېڭەيتىپ ئۆلچەملىك ئىشلەش، كەپىلىك ئۆيلەرنى يېقىپ بىر قەۋەتتىن ئىككى ھەتتا ئۈچ قەۋەت مۇستەھكەم ئۆي سېلىش ھەققىدە تەربىيە-تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى. ھۆكۈمەت ھەر ئائىلىگە 50مىڭ يۈەندىن ياردەم پۇلى بەردى. ئۆي ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان كىشىلەرنى قەشقەر شەھىرىگە ئاپىرىپ ئۇلارنىڭ كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ ئىدىيەسىنى ھەل قىلدى. ئىشىك دەرىزىلىرى ياغاچتىن، ئۆي قۇرۇلمىسى بېتون،پولات چىۋىق ھەم خىشتىن بولغان ھەم مىللىي ئالاھىدىلىك ھەم زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆي قۇرۇلۇشى دەل ئۈچ يىل داۋاملاشتى. 2016-يىلىغا كەلگەندە جەمئىي 21 مىليون 640 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ مەھەللىدىكى 800 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يورۇتۇش تۇرۇبا سۈيى ھەم ئەۋرەز سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش، تەبىئىي گاز كىرگۈزۈش، سىرتقى تاملىرىنى مىللىي ئۇسلۇبتا ئىشلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار تېخنىكلىق ئۆلچىمى بويىچە پۇختا ئىشلەندى. تۈز، كەڭ ئاسفالىت يوللار، چىرايلىق پىيادە يولى، چىرايلىق ئۆيلەر كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. خەلق ئاممىسى ئاشخانا، ھاجەتخانىلىرى ئۆلچەملىك ھەم يورۇق ھەم مۇستەھكەم ئۆيلەرگە ئىگە بولۇپ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىن رازى بولدى. ھەر بىر ئائىلىنىڭ 1- قەۋەتتە دۇكىنى بار بولدى، ناھىيەنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ يەرلەرگە «بالىم» قاتارلىق كارخانىلارنىڭ سېتىش تۈرلىرى ئورۇنلاشتى. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يەنە بۇ مەھەللىنىڭ بېقىنىغا 12مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى «بۇلاق»كەچلىك بازىرىنى قۇرۇپ بۇيەرلەرنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بىر مۇھىم مىللىي تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن يورۇق نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە يىپيېڭى قىياپەتتىكى كۆركەم كونا شەھەر مەھەللىسى يىراق-يېقىندىكى مېھمانلارنىڭ زىيارەت قىلىدىغان مۇھىم يەرگە ئايلاندى.

  سۈرەتتە: كونا شەھەرنىڭ ئىلگىرى ھەم ھازىرقى كۆرۈنۈشلىرى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى دىپلوم تارقىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى باغلىۋېلىشقا بولماي…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەرلىك مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا بولى…
    ·مائارىپتا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ 
    ·كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ  ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 95…
    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقا…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى