خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، شىنجاڭ «ئىنتىل»تىل ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىم 12- ئاينىڭ 6- كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە،7- كۈنى توخۇلا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە «غايە ۋە ئىرادە» تېمىسىدا ئىككى مەيدان ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىدى. ئابلەت مۇئەللىم كىشىلىك ھاياتتا ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇش، نىشان بويىچە پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، قىيىنچىلىقتا تاۋلىنىش،مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەسلىك، ئۆزىگە ئىشىنىپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن گۈزەل تۇرمۇشنى بەرپا قىلىش، ۋەتەنگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ھەققىدە ئاممىباب لېكسىيە سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ 5000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئالقىش-سادالار ئۈزۈلمىدى. ئابلەت مۇئەللىم يەنە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مەشرەپكە چۈشۈپ ھەممەيلەنگە خۇشاللىق بېغىشلىدى. پائالىيەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئىنتىل مەكتىپىدە ھەقسىز ئوقۇتۇشقا، بىر نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش،تۇرمۇش خىراجىتىنى بېرىشكە ۋەدە بەردى.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا-ئانىلار قاراقاش ئوغلى ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن مەنىۋى ئوزۇقىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى.ئىگىلىنىشچە، ئابلەت مۇئەللىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى -قاراقاشنى، قاراقاشتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.ئۇ بۇ يىل كىرگەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە جەمئىي 21 مەيدان ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەپ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ھەم ئاتا-ئانىلارغا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ ئاۋامنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
سۈرەتتە: ئابلەت مۇئەللىم 6- دېكابىر،قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە( چىملىق مەيدان)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى