باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج

2016.12.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىمىز تارىخىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە ئەخلاق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا 37- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن ئۆلچەم، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتا چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك؛ ئەخلاق ئۇل تاش، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، بىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ تەدبىرى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈپ ئۇسۇلىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگونى ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن تارىخشۇناسلىقى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور جۇ يۇڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەمدە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن رەسمىي ئەخلاق، ئەخلاق قەلبتىكى قانۇن. قانۇن بىلەن ئەخلاق ئوخشاشلا ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش رولىغا ئىگە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئورنى ۋە فۇنكسىيەسى بار. قانۇن جاھاننى تىنچلاندۇرىدۇ، ئەخلاق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ. قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى ئەخلاقنىڭ قوللىشىغا تايىنىدۇ، ئەخلاقنىڭ ئەمەلىيەتتە نامايان قىلىنىشىمۇ قانۇننىڭ چەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئىدارە قىلىشنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر