باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «قارار» بېسىپ تارقاتتى

114 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2016.12.09 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بىر تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقىتىپ، يەنە 114 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  «قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئازايتىش ــــ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. 2014- يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى-كېيىن ئالتە تۈركۈمدە 319 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ قېتىم يەنە 114 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىدىن %70تىن كۆپرەكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بېكىتكەن نىشان-ۋەزىپىلەر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

  بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرى ئىچىدە، كەسپىي تېخنىكا خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىدىن يەتتىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجازەت تۈرىدىن ئۈچى، سەۋىيە باھالاش تۈرىدىن تۆتى بولۇپ، تاشيول-سۇ تىرانسپورتى قۇرۇلۇشى نازارەتچىلىكى، چاقماقتىن ساقلىنىش، باشقۇرۇش جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن؛ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىدىن 107 سى بار بولۇپ، ھەممىسى سەۋىيە باھالاش تۈرىكەن، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك پىششىقلاش ۋە يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت، يېنىك سانائەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر