باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دەريا-ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2016.12.12 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دەريا-ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش ئەۋزەللىكى، بوشلۇق تەڭپۇڭلۇقى، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، تەڭ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دەريا-ئېقىن، كۆللەردە دەريا-ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەت ئېنىق، ماسلىشىش تەرتىپلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق، قوغداش ئۈنۈملۈك بولغان دەريا باشقۇرۇش-قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاش، دەريا-كۆللەرنىڭ فۇنكسىيەسىدىن مەڭگۈلۈك، ئۈزلۈكسىز پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (ئىككىنچى) ئاساسىي پىرىنسىپ

  ___ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش. تەبىئەتنى ھۆرمەتلەش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىش مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پىلانلاپ چەكلەشنى كۈچەيتىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئارام ئېلىپ ھاللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ساقلاش كېرەك.

  ___ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىكى، تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكىسىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يادرو قىلغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك دەريا-ئېقىن باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ___ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش. جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەريا، كۆل ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ-سول قىرغاقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر دەرياغا بىر خىل سىياسەت، بىر كۆلگە بىر خىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

  ___ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. قانۇن بويىچە سۇنى ئىدارە قىلىپ باشقۇرۇپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە دەريا، كۆللەرنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر