خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازار يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسدىن: ئېلى ئەخەت) يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار 8- دېكابىر، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى ئالاقە، بىر دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا بىرلىكتە تۈگۈر تۈگۈپ يەپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتتى.
سۈرەتتە: دوستلىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى