باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.12.09 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 8- دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكۈنچى ئەترىتى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىئوۋا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى تېلى برانستىد ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. بەزى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە برانستىد نامزاتلىقنى قوبۇل قىلدى، دېيىلدى.

  بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن برانستىد 1983-يىلىدىن 1999-يىلغىچە ۋە 2011-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئىئوۋا ئىشتاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ مەزگىلىدە جۇڭگوغا كۆپ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان سىياسىي ساھە زاتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر