باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى» قۇرۇش قارار قىلىندى

2016.12.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 12- ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭددىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى» قۇرۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قوش تىل، دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە, «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى» ئارام ۋاقتى ۋە كەچ ۋاقتى, ھەمدە دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ, دېھقان-چارۋىچىلارغا دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، قوش تىل ۋە ئەمەلىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ماھارىتىنى ئۆگىتىش-تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىكەن. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى»نىڭ تەشكىلىي باشقۇرۇلۇشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى يادرو قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىستۇدېنت «كەنت كادىرى»، كەنت ئىككى كومىتېت بەنزە ئەزالىرى ۋە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىن بىردىن ئۈچكىچە تەجرىبىلىك، ئامما كىشىلەر قايىل بولىدىغان خادىملارنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشقا بېكىتىدىكەن. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر) ھەر بىر «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى» ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئالتە نەپەر نىسپىي مۇقىم بولغان مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەڭشەپ، كەم دېگەندە 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش سورۇنى، ھەمدە نورمال ئىشلەيدىغان بىر يۈرۈش سىن دەرسلىكى كۆرۈش سىستېمىسى ئەسلىھەلەر شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى»نى ھەر يىلى كەم دېگەندە 10 مىڭ يۈەن يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى» ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەربىيەلەش مەخسۇس تېمىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش, مىسالنى تەھلىل قىلىش, مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرىدىكەن. ھەمدە شۇ جايدىكى تېخنىكا ماھىرى، بېيشىتا يول تاپقانلار ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقانلار ئارىسىدا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر