خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر-3» B ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق 11-دېكابىر سائەت نۆلدىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە «ۋەزىيەت-4» ناملىق سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. «ۋەزىيەت-4» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئېلىمىزنىڭ 1-ئەۋلاد تۇرغۇن ئوربىتا مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى («ۋەزىيەت-2» ناملىق) تىن ئىككىنچى ئەۋلادقا ھالقىيدىغان تۇنجى يۇلتۇز، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربېتىلىق ئۈچ ئوق مۇقىم بولغان يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئادەتتىكى مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئەمەس، «ۋەزىيەت-4» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ئېلىمىزنىڭ تۇرغۇن ئوربىتا مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا جەھەتتە تېز ئىلگىرىلەشتەك چوڭ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىشى، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە چوڭ دۆلىتىدىن ئاۋىياتسىيە كۈچلۈك دۆلىتىگە قەدەم بېسىشتەك بىر مۇھىم نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى