باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئامېرىكىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا، ياخشى ئۇخلىغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى بايقالدى

2016.12.12 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز، ئىككىنچى كۈنى دىققىتىڭىزنى يىغالمايۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز. ۋاھالەنكى، ئۇيقۇنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر. يېقىندا ئامېرىكا ماسساچۇستىس شىتاتى ۋېليامىس ئىنىستىتۇتى ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان-دياگو شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئارتۇق ئۇيقۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنى مىڭ دوللارغا يېقىن ئاشۇرالايدىغانلىقىنى بايقىدى.

  ئىلگىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈن پېتىش ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر بولغاندا، كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچىلار كۈن بۇرۇن پاتىدىغان ۋە كۈن كېيىن پاتىدىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە, ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى بىر سائەت كۆپەيگەندە، شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ مائاشى ئۇزاق مۇددەتكىچە %5 كۆپەيگەن، بۇ، ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدە 1570 دوللار ئارتۇق كىرىم قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىش ھەققى جەھەتتە بۇنداق پەرق بولىدىغان جايلارنىڭ ئىقتىسادى، ھەتتا ئۆي باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يەنى: بىر سائەت بالدۇر كۈن پاتىدىغان رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى باشقا جايلاردىن %6 يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەلۋەتتە, بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ھەرگىزمۇ كۆپ ئۇخلىسىلا جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەتقىقات خادىملىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى، بۇ خىل مائاش پەرقىنى پۈتۈنلەي ئۇيقۇ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، بۇنىڭدا باشقا ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بار، مەسىلەن، ئەتراپىڭىزدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياخشى ئۇخلىغانلىق سەۋەبىدىن خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرسە، سىزنىڭ تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە, ئۇيقۇ سۈپىتى، تۇرمۇش شەكلى ۋە خىزمەت ئۈنۈمدارلىقى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، كۆپ ئۇخلىغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر